ناگويا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ياپونىيىنىڭ خونسيو ئارىلىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى، مۇھىم پورتى، ئايچى ناھىيىسىنىڭ مەركىزى، قەدىمىي ناگويا شەھىرى 1526 -، 1527 - يىللىرى سېلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ ئورنى غەربتىكى كىئوتو بىلەن شەرقتىكى توكىئو ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، جۇڭجىڭ (ئوتتۇرا شەھەر) دەپ ئاتالغان. ناگويا 1612 - يىلى قايتا قۇرۇلغان. 1868 - يىلدىن كېيىن تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 1889 - يىلى رەسمىي شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ جۇڭجىڭ سانائەت رايونىنىڭ يادروسى، شەھەر ئاھالىسى 2 مىليون 90 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981)، ناەويا سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى جەھەتتە توكيو، ئوساكا، ئىئوكوگامالاردىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ناگويانىڭ ئېغىر سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ ئۇنىۋېرسال سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت - خىمىيە، پولات - تۆمۈر، ئېلېكترون، خىمىيە قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. ناگويا ياپونىيىنىڭ ئاپتوموبىل پايتەختى، تويوتا شەھىرىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائەت مەركىزى. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئەنئەنىۋى سانائەت تارمىقى بولغان توقۇمىچىلىق، فارفور سانائەت، يېمەك - ئىچمەك، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارمۇ تەرەققىي قىلغان. ناگويا ياپونىيىنىڭ مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى. ئۇ دۆلەت بويىچە ئىئوكوگاما، كوبىلاردىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ سودا پورتى. يىلىغا 100 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. تۆمۈريول، تاشيوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ناگويا شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى زامانىۋى ھەم رەتلىك بولۇپ، قاتناش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1957 - يىلى قۇرۇلغان. ناگويا شەھىرىدە ناگويا داشۆسى قاتارلىق 30 نەچچە ئالىي بىلىم يۇرتى، قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى ۋە باشقا تارىخىي ئورۇنلار بار. ناگويا پورتى ئارقىلىق ئاپتوموبىل، پولات - تۆمۈر، فارفور قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ناگويا پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللار پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ % 30نى ئىگىلەيدۇ. ناگويا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تويوتا شەھىرى بىلەن ناگويادا ئىشلەنلەنگەن ئاپتوموبىللار ناگويا پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدۇ.