سىتسلىيە ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىتالىيىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارىلى. بۇ ئارال ئاپپېنىن يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. شەرقتە ئاپپېنىن يېرىم ئارىلىدىن ئۈچ كىلومېتىر كەڭلىكتىكى مېسىنا بوغۇزى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 25 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 4 مىليون 902 مىڭدىن ئاشىدۇ. مەركىزى پالېرمو شەھىرى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 8 - ئەسىردىن 6 - ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە گرېك خەلقلىرى ئارالنىڭ شەرقىدە مۇستەملىكىچىلىك ئورۇن قۇرغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 241 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان. كېيىن ۋاندار، ۋىزانتىيە، نورمال خەلقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1442 - يىلى ستسىلىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي قايتا بۆلۈنۈپ، ئىسپانىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1861 - يىلى ئىتالىيە تەركىبىگە قوشۇلغان. ئارالنىڭ يەر شەكلى تاغلىق، ئېدىرلىق بولۇپ، دېڭىز قىرغاق بويلىرىدا بىرنەچچە پارچە تۈزلەڭلىك بار. شەرقىي قىرغىقىدا ئېتنا يانار تېغى (3263 مېتىر) بار، بۇ پۈتۈن ئارالدىكى ئەڭ ئېگىز جاي ھېسابلىنىدۇ. ئارالدا يانار تاغ ھەرىكىتى، يەر تەۋرەش كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، شىمالىي، غەربىنىڭ ھاۋاسى نەمرەك، جەنۇبىي قۇرغاقراق كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، كېۋەز ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لىمون، ئاپېلسىن قاتارلىق سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان. نېفىت، گۈڭگۈرت، ئاشتۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. ئاساسىي پورتلىرى پالېرمو، مېسنا، كاتانىيە گراپانى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.