ئالېئوت تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالياسكا يېرىم ئارىلىدىن شىمالىي تىنچ ئوكيانغا قاراپ سوزۇلغان تاقىم ئاراللار بولۇپ بۇ ئاراللار برنگ دېڭىزىنى تىنچ ئوكياندىن ئايرىپ تۇرىدۇ. زەنجىرسىمان سوزۇلغان بۇ ئارالنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2700 كىلومېتردىن ئاشىدۇ، ئۇ 14 چوڭ ئارال بىلەن نۇرغۇن ئۇششاق ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەمۇرىي جەھەتتىن ئا ق ش نىڭ ئالياسكا شتاتىغا تەۋە. بۇ ئاراللار غا 1728 - يىلى روسىيىلىك ئىكىسپىدىتچى برېنگ كەلگەن ۋە ئۇ جايغا ئالېئوت دەپ نام بەرگەن. 1867 - يىلى ئا ق ش ۋە ئۇ جايغا ئالېئوت دەپ نام بەرگەن. 1867 - يىلى ئا قا ش ئالياسكا بىلەن بىللە چارروسىيە ھۆكۈمىتىدىن سېتىۋالغان. ئومۇمىي يەر مەيدانى 18 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى 6000 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسەن ئالېئوت خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. ئاراللارنىڭ نامىمۇ شۇ جايدىكى خەلقلەر نامىغا <ئالېئوت ئاراللىرى> دەپ نام بېرىلگەن. ئالېئوت ئا ق ش نىڭ مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورنى بولۇپ، شىمالىي تىنچ ئوكياننى كونترول قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جايدا ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى، مۇھىم ئوق - دورا ئىسكىلاتى، يەر ئاستى سىناق مەيدانلىرى بار. بۇ جايدىكى خەلقلەر ئاساسەن بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.