UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپرژېۋالىسكى

پرژېۋالىسكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر، ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي ياقىسىغا جايلاشقان. بۇ شەھەر 1889 - يىلدىن ئىلگىرى ھەم 1921 - يىلدىن 1939 - يىلغىچە <قارا كۆل> دەپ ئاتالغان. ئاھالىسى 51 مىڭدىن ئاشىدۇ. پرژېۋالىسكى ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم تاشيول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدىن شەرققە قاراپ چىرغالاڭغا، شىمالغا قاراپ تىيوپقا، غەربىي جەنۇبقا قاراپ پاكراۋغا تۇتىشىدىغان يوللار بار. شەھەردە مېۋە - چىۋە، پىۋا، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بولكا، كىيىم - كېچەك، ئاياغ كىيىم، ئېلېكتر قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر