UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەربراسوۋ

براسوۋ

دۇنيادىكى شەھەرلەر رۇمىنىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، جەنۇبىي كاراپات تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شەھەر. بۇ شەھەر 1950 - يىلىدىن 1960 - يىلىغىچە ستالىن شەھىرى دەپ ئاتالغان. ئاھالىسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). براسوۋ 800 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. ئۇنىڭ ئاساسى 13 - ئەسىردە سېلىنغان، 14 -، 15 - ئەسىرلەردە قول سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بىر شەھەرگە ئايلانغان، 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھىم ئېغىر سانائەي ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ جايدا ئايروپىلان ياساش، ئايروپىلان ماتورى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى قۇرۇلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. رۇمىنىيە ئازد بولغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇپ چىققان. ھازىر ئۇ رۇمىنىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سانائەت شەھىرى. مۇھىم ماشىنىسازلىق سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر تراكتور، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن رۇمىنىيىدە ئالاھىدە مۇھىم ئروۇن تۇتىدۇ. بۇ جايدىكى تراكتور زاۋۇتلىرى 35 ئات كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى تراكتورلار بىلەن 320 ۋە 360 ئات كۈچىگە ئىگە غايەت چوڭ تىپتىكى تراكتورلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. براسوۋ شەھىرىدە ماشىنىسازلىق سانائىتىدىن باشقا يەنە خىمىيە، توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش — بىناكارلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. براسوۋ شەھىرىنىڭ ھاۋاسى سالقىن، مەنزىرىسى گۈزەل بولغانلىقتىن ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
براسوۋ | UyghurWiki | UyghurWiki