UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگولان ئېگىزلىكى

گولان ئېگىزلىكى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سۈرىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا، ئىئوردان دەريا ۋادىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ئېگىزلىك. بۇ ئېگىزلىكنىڭ شەرقىي روگگاد دەريا ۋادىسىغا، جەنۇبىي ئارموك دەريا ۋادىسىغا، شىمالىي ھېرمون تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە سوزۇلۇپ بارىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 2724 مېتىر كېلىدۇ. بۇ چوققا ھېرمون تېغىغا جايلاشقان، تاغلىقنىڭ شىمالىي قىسمى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، جەنۇبىي قىسمى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئورۇننى 1967 - يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا ئىسرائىلىيە ئىگىلىۋالغان. ھازىرغىچە (1987) ئىسرائىلىيىنىڭ كونتروللۇقىدا بولماقتا.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
گولان ئېگىزلىكى | UyghurWiki | UyghurWiki