ئوكلاند
دۇنيادىكى شەھەرلەر
يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر شىمالىي ئاراللارنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئوكلاند يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان يەرنىڭ كەڭلىكى ئاران 26 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ شەھەر 1840 - يىلى قۇرۇلغان، 1841 - يىلدىن 1865 - يىلغىچە دۆلەتنىڭ پايتەختى بولغان. شەھەرنىڭ نامى ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە داچىنى، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئوكلاند نامىغا بېرىلگەن. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ، 800 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا ئېگىز - پەس ئېدىرلىقلار ناھايىتى كۆپ. شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدە قولاي پورتلار بار. دېڭىز قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، شۇڭا بۇ جايدا ئاتاقلىق دېڭىز ئارمىيە بازىسى بار. سانائەتتە ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، شېكەر، قەغەز، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان، شەھەرنىڭ يېنىدا يەنە پولات - تۆمۈر زاۋۇتى بار. ئوكلاند پورتى يېڭى زېلاندىيە بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يېڭى زېلاندىيىدىن ئېكسپورت - ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇشۇ پورت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. پورتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى، شەھەردە خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەردە يەنە ئوكلاند داشۆسى، مۇزېي، ماۋرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، قۇرۇلۇشى رەتلىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.