UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئالپ تېغى

ئالپ تېغى

دۇنيادىكى شەھەرلەر غەربىي ياۋروپادىكى ئڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ تاغ. ئۇ غەربتە فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي، ئىتالىيىنىڭ شىمالىي ئارقىلىق ئاۋىسترىيىنىڭ پايتەختى — ۋېنا شەھىرىگە قەدەر 1200 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلىدۇ. تاغنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتردىن 200 كىلومېترغىچە، بەزى جايلىرى 300 كىلومېتر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتردىن ئاشىدۇ. مون بالان چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4810 مېتر بولۇپ، ئۇ ئالىپ تېغى بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقنىڭ يەر ۋەزىيىتى ئېگىز بولغانلىقى ئۈچۈن، تاغلىقتىكى ھازىرقى دەۋر تاغ مۇزلۇقلىرىنىڭ مەيدانى 4000 كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. كىلىتچە ئالپ، نېمىسچە ئالپىن، فرانسوزچە ئالپېس، ئىتالىيانچە ئالپى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. نۇ نام تاغنىڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىگە قاراپ قويۇلغان. ئالىپ تېغى گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتتىن ئېيتقاندا ئەڭ يېڭى ئالىپ ھىمالا:يا تاغ ياساش ھەرىكىتى مەزگىلىدە كونا يەر ئوتتۇرا دېڭىزىنىڭ ئورنى ئاساسىدا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن شەرق، جەنۇب، غەربكە قاراپ بىر قانچە تارماق تاغ تىزمىسى بۆلۈنۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ شەرققە سوزۇلغان قىسمى كاراپات تېغى، شەرقىي جەنۇبقا سوزۇلغان قىسمى ئاپىنېن تېغى، غەربكە سوزۇلغان قىسمى پىرىنى تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تاغلارنىڭ ھەممىسى زەنجىرىسىمان ھالەتتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىن ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمى ئارقىلىق تاكى دېڭىز قىرغاقلىرىغا قەدەر سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر