UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپېمبا ئارىلى

پېمبا ئارىلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مارجان ئارال، تانزانىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئىككى چوڭ ئارالنىڭ بىرى. پېمبا ئارىلى بىلەن ئارفرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى 57 كىلومېتر كەڭلىكتىكى پېمبا بوغۇزى ئايرىپ تۇرىدۇ. مەيدانى 984 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 235 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئارالنىڭ غەربىي قىسمىنى ئېدىرلىقلار، شەرقىي قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى ئىسسىق نەم، ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 2000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بۇ ئارالنىڭ ئۆزىگە خاس زىرائىتى قەلەمپۇر بولۇپ، 3 دۇنيا قەلەمپۇر مەھسۇلاتىنىڭ % 60تىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدۇ، كۆپىنى زانزىبار شەھىرىگە ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئېكسپورت قىلىدۇ. يەنە پالما يېغى، پالما قېقى ئىشلەيدۇ. مۇھىم شەھەرلىرى چاك - چاك، ۋىتلاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پېمبا ئارىلى | UyghurWiki | UyghurWiki