باسېل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شۋېتسارىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. بۇ شەھەر رېين دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا، شۋېتسارىيە، گېرمانىيە، فرانسىيىلەرنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپى رېين دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا، سېلىنغان ئالتە چوڭكۆۋرۈك ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ. باسېل ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى بىلەن بولىدىغان سودا يولىدىكى مۇھىم پونكىت بولغا، كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى شەھەرگە ئايلانغان، ھازىر ئۇ سودا - سانائەتتە شۋېتسارىيە بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىممىتىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يىپەك توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. باسېل شۋېتسارىيىنىڭ مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى، مۇھىم خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە پونكىتى، ئەڭ چوڭ دەريا پورتى. ئۇ شۋېتسارىيىنىڭ تاشقى سودىسىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چەت ئەللەر بىلەن بولىدىغان سىرتقى سودىنىڭ 2/5 قىسمى باسېل پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇ جايغا رېين دەرياسى ئارقىلىق 1500 توننىلىق دەريا پاراخوتلىرى كېلەلەيدۇ. باسېل پورتىدىن يولغا چىققان دەريا پاراخوتلىرى رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا قاراپ يۈرسە فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىزلىرىغا چىقالايدۇ. بۇ پورتقا بىر يىلدا كېلىپ - كېتىدىغان پاراخوتلار 9690 دىن ئاشىدۇ. بىر يىلدا بىر تەرەپ قىلىدىغان 8 مىليون 700 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. ئۇ شۋېتسارىيە، غەربىي گېرمانيە، فېرانسىيىلەر چېگرىسىدىكى مۇھىم تۆمۈر يول، تاشيول تۈگۈنى ھېسابلىنىدۇ.