UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپيوڭياڭ

پيوڭياڭ

دۇنيادىكى شەھەرلەر چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 2000 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ (1984). پيوڭياڭ داتۇڭجاڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان. شەھەر بىلەن دېڭىز ئارىلىقى 100 كىلومېتركېلىدۇ. ئۇ قەدىمىي شەھەر، مىلادى 427 - يىلى گاۋگۇلى كېنەزلىكى بۇ جاينى مەركەز قىلغان. 1945 - يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتنىڭ پايتەختى بولغان. 1950 - يىلى ئامېرىكا جاھانگىرلىكى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلدە زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان، ئۇرۇشتىن كېيىن چاۋشيەن ىەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن پايتەختنى يېڭىدىن ئاۋات، گۈزەل شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ھازىر ئۇ شىمالىي چاۋشيەن بويىچە ئەڭ چوڭ زامانىۋى شەھەر بولۇپ قۇرۇلدى. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مەدەنىي، مائارىپ، قاتناش ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. پيوڭياڭنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 4/1 نى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەردە ئومۇملاشقان سانائەت تارماقلىرى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىسازلىق، پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەر ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پيوڭياڭنىڭ ئەتراپى چاۋشيەن بويىچە يېزا ئىگىلىك تەرەققىي قىلغان رايون. بۇ جايلاردا ئاساسلىق شال، پاختا، مېۋە - چىۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. پيوڭياڭ چاشيەننىڭ مۇھىم مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. ئۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سوزۇلغان بىر قانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار، سۇ قاتنىشىمۇ ئوڭاي، ئۇنىڭ سىرتقى پورتى نەنپۇغا چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى كېلىپ توختىيالايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 30 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا يەر ئاستى تۆمۈريولىمۇ بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ %60 تى يەر ئاستى تۆمۈريولى ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پيوڭياڭ | UyghurWiki | UyghurWiki