داللاس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ تېكساس شتاتىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھىر، مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى. بۇ شەھەر شتاتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىرىنتى دەريا بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 901 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، بۇ شەھەر 1841 - يىلى قۇرۇلغان، بۇ شەھەر نېفىت، پاختا، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان. 1900 - يىلىدىن كېيىن جەنۇبتىكى نېفىت مونوپول كاپىتالىستلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. شەھەرنىڭ تۆمۈريول تاشيول، ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتى، سودىسى، پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. سانائىتىدە ئايروپىلان ياساش سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، توقۇمىچىلىق، توقۇمىچىلىق ماشىنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترون، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان.