سېۋاستوپول
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان پورت شەھىرى، ئۇ قارا دېڭىزنى شىمالىدىكى مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 770 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 301 مىڭدىن ئاشىدۇ. سېۋاستوپول سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنى قوغداپ تۇرىدىغان مۇھىم قورغان. ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا دېڭىز ئسكادراسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى، شەھەرنڭ غەربىي جەنۇبىدا مىنا تازىلاش تېز قوغلىغۇچى پاراخوتلىرى بىلەن سۇ ئاستى پاراخوت بازىسى بار. شەھەردە يەنە ھەربىي مۇزېي، تارىخىي مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار. سېۋاستوپول شەھىرىنىڭ كېمىسازلىق، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى تەرەققىي قىلغان.