بايقال كۆلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا سىبىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كۆل. ئۇ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتر ئېگىزلىكتىكى تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. كۆل شەرقىي شىمال، غەربىي جەنۇب يۆنىلىشىدە سوزۇلغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 636 كىلومېترغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 730 مېتر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 48 كىلومېتر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 1620 مېتر كېلىدۇ. كۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 456 مېتر كېلىدۇ. بايقال كۆلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئوركان ناملىق بىر ئارال بار. بۇ ئارالنىڭ يەر مەيدانى 730 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئارالدىن باشقا يەنە 26 كىچىك ئارال بار. بايقال چۆكۈشى، بۇنڭىدىن 20 يىل ئىلگىرى يەر پوستىنىڭ يېرىلىپ چۆكۈشى، سۇلارنىڭ يىغىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كۆلنىڭ مەيدانى 31 مىڭ كۋادارات كىلومېتر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۈيى مول بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تاتلىق سۇلۇق كۆللەر ئومۇمىي سۇ مىقدارىنىڭ 1/5 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپى قېلىن يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ جايدا ئورماندىن باشقا يەنە كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، چىرىمتال، تەبىئىي گاز قاتارلىق كان بايلىقلىرىمۇ مول. كۆلدىكى ئاراللاردا 1600 خىلدىن ئوشۇق ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ. كۆلدە ۋە كۆلدىكى ئاراللاردا 1200 خىلدىن ئارتۇق ھايۋان ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 708 خىلى بايقالنىڭ ئۆزىگە خاس ھايۋاناتلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆلدە بېلىقىنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىلىغا كۆپ مىقداردا بېلىق تۇتۇلىدۇ. بۇ جايدا ياشىغۇچى ياقۇت خەلقلىرى كۆل رايونىدىكى ۋە كۆل ئىچىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ (بايكۆل) (بايقال) دەپ نام بەرگەن.