UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفائېر تاقىم ئاراللىرى

فائېر تاقىم ئاراللىرى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شىمالىدىكى ئىسلاندىيە بىلەن نورۋېگىيە، ئەنگلىيىلەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان 22 كىچىك ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ 17 سىدە كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ ئاراللار غەربىي شىمالىي ياۋروپا بىلەن ئىسلاندىيە ئارىلىقىدىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە قاتناش لىنىيىسىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېڭىز، ھاۋا قاتناش ۋە ستراتېگىيە جگھەتتىكى ئەمھىيىتى ناھايىتى زور، ئاراللارنىڭ ئومۇمىمىي مەيدانى 1399 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سترومى، فوسدىل، سودېرى قاتارلىق ئاراللارنىڭ مەيدانى سەل چوڭراق، فائېر تاقىم ئاراللىرى شىمالىي كەڭلىك 61°25′ بىلەن 62°25′ ئارىلىقىغا جايلاشقان، لېكىن ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقتىن، ئىقلىمى دېڭىز - ئوكاين خاراكتېرلىك ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يازلىقى سالقىن بولىدۇ، يەتتىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10 قا يېتىدۇ. قىشلىقى بەك قاتتىق سوغۇق بولمايدۇ، تۇمانلىق كۈنلەر 200 كۈنگە يېتىدۇ، فائېر تاقىم ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق بولۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 288 مېتىر كېلىدۇ. فائېر تاقىم ئاراللىرى دانىيىگە قاراشلىق ئاپتونومىيە بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى دانىيە باشقۇرىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تورسخاۋېن شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، فائېر تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى 44 مىڭ 732 گە يېتىدۇ (1984)، ئاھالىنىڭ كۆپى فائېر مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئاراللار 1025 -، 1380 - يىللاردا نورۋېگىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان، كېيىن دانىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن. 1948 - يىلى ئاپتونومىيە بولۇپ قۇرۇلغان، فائېر خەلقلىرى ئاساسەن بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ 60 مىڭ توننىلىق كۆتۈرۈش كۈچىگە ئىگە بېىلىقچىلىق پاراخوتى بار، بېلىق مەھسۇلاتى 300 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. بۇ جايدا بېقىلىۋاتقان قوي 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىق، بېىلىقچىلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، ساياھەت ئىشلىرىنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇشقا شارائىتى تولۇق.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر