مادېيرا تاقىم ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ۋولقان ئاراللىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مادېيرا ئارىلى، پورت - سانىتو ئارىلى، دېستاش ئارىلى، ۋېلۋاگىن ئارىلى ھەم بۇ ئاراللارنىڭ ئەتراپىدىكى يوشۇرۇن خادا تاش ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مادېيرا تاقىم ئاراللىرى ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىن 580 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ، يەر مەيدانى 813 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 280 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى يەھۇدى، مور، پورتۇگال قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى پىشار شەھىرى، مادېيرا تاقىم ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېگىز - پەس تاغلىق بولۇپ، ئەڭ ئېگىز قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1861 مېتىر كېلىدۇ. يەر تەۋرەش كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز تىپىدىكى ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىقى قۇرغاق ئىسسىق، قىشلىقى يىللىق نەم كېلىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 750 مىللىمېتىرقغا يېتىدۇ. بۇ جايدا شۇ يەرنىڭ ئۆزىگە خاس گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ، ئالاھىدە ئۇچار قاناتلار ياشايدۇ، مادېيرا تاقىم ئاراللىرىنى 1420 - يىلى پورتۇگالىيىلىكلەر ئىگىلىگەن، كېيىن ئۆزىنىڭ بىر سىرتقى ئۆلكىسى قىلىپ ئايرىلغان، 1976 - يىلى 4 - ئايدا پورتۇگالىيىگە قاراشلىق بىر ئاپتونومىيە قىلىپ قۇرغان. بۇ ئاراللاردىكى خەلقلەر ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش، ئاشلىق ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپېلسىن، ئۈزۈم، شېكەر قومۇشى، ئاناناس، سەي، ئارپا، بۇغداي ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا چارۋىچىلىق (ئاساسلىق كالا بېقىلىدۇ) ۋە بېلىقچىلىق تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ يغاچ ماتېرىياللىرى مۇھىم ئېكسپورت تارمىقىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سانائەتتە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلرنى ئاساس قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەش ئالاھىدە داڭلىق، مادېيرا تاقىم ئاراللىرى ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سۇ، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، ئۈچ قىتئە ئارىلىقدىا قاتنايدىغان نۇرغۇن پاراخوتلار بۇ جايدا توختاپ يېقىلغۇ قاچىلاپ يەنە يولىغا راۋان بولىدۇ. ئۇ جاي مۇھىم قىشلىق ساياھەت ئورنى، قىشلىقى ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ جايدا دەم ئالىدۇ. بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ئىككى ئايرودروم، ئىككى پورت بار. مادېيرا ئاراللىرىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.