لاس پالماس
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى كانار تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەركىزى، ئەڭ چوڭ پورتى. شەھەر چوڭ كانار ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 270 مىڭدىن ئشىدۇ. بۇ جاي 1478 - يىلى ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ پونكىتى بولغان. ھازىر ئىسپانىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسىنىڭ مەكرىزىي شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئەتراپىدا ئۆچكەن يانار تاغلار، قارلىق چوققىلار بار. ئارالدىكى خەلق بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، سانائىتىمۇ بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاراق، كېمىسازلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىمۇ بار. شەھەرنىڭ ھاۋا، دېڭىز قاتنىشى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ئارا قاتنايدىغان پاراخوت ھەم ئايروپىلانلار بۇ جايدا توختاپ يېقىلغۇ قاچىلاپ يولغا چىقىدۇ. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ساياھەتچىلەر بۇ جايغا كېلىپ دەم ئېلىپ قايتىدۇ. ساياھەتچىلىك كىرىمى مۇھىم تاشقى پېرېۋوت مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلى ساياھەتچىلىك بەك راۋاج تاپقان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.