UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى

كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئا ق ش نىڭ پايتەختى ۋاشېنگتونغا جايلاشقان ئالاھىدە رايون بولۇپ، قوشما شتاتلىرى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان رايوندۇر. ئۇنىڭ دائىرىسى ۋاشېنگتون بىلەن ئوخشاش. مەيدانى 180 كۋادرات كلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 637 مىڭ (1983) دىن ئوشۇق، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 3 مىليون 30 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %72 نى نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ.1790 يىلى ئا ق ش دۆلەت مەجلىسىدە بىرىنچى زۇڭتۇڭ ۋاشېنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە مادىلاند شتاتى بىلەن ۋىرگىنىيە شتاتلىرىدىن بىر پارچە يەرنى بۆلۈپ ئېلىپ ئا ق ش نىڭ پايتەختى تۇرۇشلۇق ئورۇن قىلىشنى بەلگىلىگەن. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى 1800 - يىلى ۋاقىتلىق پايتەختى فىلادلفىيىدىن بۇ جايغا كۆچكەن. شەھەر رايونى ئىچىدىكى مەمۇرىي ئورۇنلار زۇڭتۇڭ بەلگىلىگەن ئالاھىدە كومېتىت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر