ئېرفۇرت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان شەھەر، ئېرفۇرت رايونىنىڭ مەركىزى. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 106 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 205 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئېرفۇرت گېرمانىيىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تارىختا مۇھىم ھەربىي ئورۇن بولغان. بۇ ئورۇننىڭ تارىخىي گوتا شەھىرىنىڭ تارىخىدىنمۇ ئۇزۇن. ئۇ مىلادىيە 8 - ئەسىردە (724 - يىلى) شەكىللەنگەن. 1120 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 14 -، 15 - ئەسىرلەردە <خانىسا ئىتتىپاقى> نىڭ بىر ئەزاسى بولغان. 1891 - يىلى 10 - ئايدا گېرمانىيە سوتسىيالىستىك دېموكراتلار پارتىيىسى بۇ جايدا ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزۈپ <ئېرفۇرت پروگراممىسى> نى ماقۇللىغان. ئېرفۇرت گېرمانىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئورۇننىڭ سانائەت تارماقلىرى بىر قەدەر تولۇق بولۇپ، ماشىنىسازلىق سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئېغىر تىپتىكى ماشىنا، ئېغىر تىپتىكى قاپقاق ئىشلەپچىقىرىش، نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، بولۇپمۇ ھېسابلاش ماشىنىسى، خەت بېسىش ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ. بۇنىڭدىن باشقا ئېلېكتر ئەسۋابلىرى، خىمىيە سانائەت، يېمەك ـ ئىچمەك ۋە باشقا سانائەت تارماقلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئېرفۇرتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ياخشى، شۇڭا بۇ جاي گېرمانىيىنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان بىرقانچە تارماق تۆمۈريول، تاشيوللار بار.