UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئاتاكاما چۆلى

ئاتاكاما چۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چىلنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. ئاتاكاما دېگەن سۆز ئىندىئانلار تىلىدا <سەھرا> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نام شۇ جاينىڭ ئىقلىم شارائىتىغا ئاساسەن قويۇلغان بولۇپ، شۇ ئورۇننىڭ شارائىتىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ئاتاكاما چۆلى تىنچ ئوكيان قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبىي كەڭلىك ° 22بىلەن °27 ئارىلىقىدا (تەخمىنەن 1200 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا) سوزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرقتە كورېلىر تاغلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېترغىچە بولغان قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جاي سۇبتروپىك ئانتى سىكوننىڭ شەرقىي چېتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، پېرو سوغۇق ئېقىمىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، شۇڭا ئىقلىمى سالقىن — قۇرغاق بولىدۇ. ئەڭ ئىسسىق يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃19 تىن ℃20 غىچە، ئىيۇل ئېيىنىڭ ℃13 -℃14 غىچە بولىدۇ. سەھرا جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان جىلغىغا جايلاشقان، جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ. جىلغىنىڭ ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 145 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ رايوندا مىس، سېلترا بور، ئاش تۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. چىلىنىڭ ئاتاقلىق چوكىكاماتا مىس كېنى ئەنە شۇ جايغا جايلاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر