شەرقىي ساموئا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياندىكى سامۇئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بەش يانار تاغ ئارىلى بىلەن مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيدانى 197 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئەڭ ئېگىز ماتافائو چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 702 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃21-℃32 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 5000 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. مەركىزى پاگو - پاگو شەھىرى. ئاھالىسى 34 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983)، بۇنىڭ كۆپىنى پولېنېزىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تونگالىقلار، ئا ق ش لىقلار، خەنزۇلار، چاۋشيەنلىكلەرمۇ بار. 1899 - يىلى ئا ق ش، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت كېلىشىمىگە ئاساسەن شەرقىي ساموئا ئاراللىرى ئومۇمىي ساموئا ئاراللىرىدىن بۆلۈپ ئېلىنىپ، ئا ق ش نىڭ رەسمىي مۇستەملىكىسى بولغان. 1953 - يىلدىن ئىلگىرى ئا ق ش نىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان. 1954 - يىلدىن ھازىرغىچە ئا ق ش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە. شەرقىي ساموئا ئىقتىسادىي جەھەتتە بانان قاتارلىق تروپىك مېۋىلىرى، كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ.