UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئارال دېڭىزى

ئارال دېڭىزى

دۇنيادىكى شەھەرلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىغا جايلاشقان. كۆل، ئاراللىرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 66 مىڭ 458 كۋادرات كىلومېترغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىكى 313 ئارالىنىڭ مەيدانى 2345 كۋادرات كىلومېتر، كۆلنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 25 مېترغا يەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭقۇر جايى 67 مېترغا يېتىدۇ. كۆلنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 53 مېتر ئېگىز تۇرىدۇ. قىرغاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى بىردەك ئەمەس، شىمالىي تەرىپىدىكى قىرغاقلىرىنىڭ بەزىلىرى ئېگىز، بەزى جايلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، خېلىلا چوڭ ئۈزۈلگەن قولتۇقلارنى ھاسىل قىلغان. شەرقىي تەرەپتىكى قىرغاقلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ، بۇ جايدا قۇملۇقلار ۋە ئانچە مۇھىم بولمىغان قولتۇقلار بار. ككلنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىي ئامو دەرياسىنىڭ چۆكمىسىدىن ھاسىل بولغان، غەربىي تەرىپى ئانچە ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئوستيورت دۆڭلۈكلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئارال دېڭىزىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئامو دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى قۇيۇلىدۇ. ئارال دېڭىز رايونىنىڭ ئىقلىمى ئىنتايىن قۇرغاق، يازلىق ئوتتۇرا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃26-℃24، قىشلىقى ℃7 -℃13 بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. سۇ يۈزىنىڭ ئۈستى قىسمى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مۇز قاتىدۇ. يىلنىڭ يەتتە ئېيىدا كېمە قاتنايدۇ. دېڭىز بويىدا ئارالىسىكى (كۆلنىڭ شىمالىدا) ۋە مويناق (جەنۇبىي قىرغىقىدا) قاتارلىق مۇھىم پورتلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر