UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئىگۋا سۇ شارقىراتمىسى

ئىگۋا سۇ شارقىراتمىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما. برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا چېگرىسىدىكى ئىگۋاسۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا، ئىگۋاسۇ دەرياسى بىلەن پارانا دەرياسى قوشۇلىدىغان يېرىگە تەخمىنەن 23 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان. ئىگۋاسۇ دەرياسى بازالىتلىق جىنسلىق ئورۇندىن پارانا دەريا ۋادىسىغا ئېقىپ چۈشكەن جايدا 275 بۆلەك جىددىي ئېقىن ھەم شارقىراتما ھاسىل قىلغان. تاشقىن مەزگىلىدە كەڭلىكى 3-4 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 60-82 مېتىر كېلىدىغان چوڭ شارقىراتما ھاسىل قىلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى تەخمىنەن 1700 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ. شارقىراتمىنىڭ ئاۋازى 25 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. برازىلىيە بىلەن ئارگېنتىنا بۇ جاينى دۆلەت باغچىسى قىلىپ ئاچقان. ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مۇھىم ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. دەريانىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى مول.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر