ۋېزېر دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گېرمانىيىدىكى بىر دەريا. ئۇ گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىدىغان فوردا دەرياسى بىلەن ۋېررا تارماق دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. ئۇزۇنلۇقى 432 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەگەر ۋېررا دەرياسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 724 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 46 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. برېمېن ئەتراپىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 300 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، بۇ دەريا قاناللار ئارقىلىق ئېلبا، ئېمىس، رېين دەريالىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۇ قاتنىشىدىكى ئەھمىيىتى چوڭ، ئوكيان پاراخوتلىرى دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يۈرسە، دېڭىز قىرغىقىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى برېمېن شەھىرىگە كىرەلەيدۇ. برېمېن شەھىرى گېرمانىيىنىڭ چوڭ پورتى ھېسابلىنىدۇ.