UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپورتو

پورتو

دۇنيادىكى شەھەرلەر پورتۇگالىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، پورتو ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، پورتۇگالىيىنىڭ مۇھىم پورتى. پورتو شەھىرى دوئېرو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىن 5 كىلومېتر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 336 مىڭدىن ئاشىدۇ. پورتو شەھىرى مىلادىيىدىن 5 - ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا رىملىقلار <پورتۇس كالې> دەپ نام بېرگەن. پورتۇس كالې <يىللىق پورت> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى يىللىق نەم مېكسىكا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن قىشلىقى پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، ھاۋاسى يىللىق بولىدۇ، شۇڭا بۇ قايغا <يىللىق پورت> دەپ نام بەرگەن. كېيىن پورتۇگالىيە بۇ جاينى ئوپورتو دەپ ئاتىغان. بۇ نامنى كېيىن قىسقارتىپ <پورتو> دەپ قوللانغان. <پورتو> پورتۇگالىيە تىلىدا <پورت> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پورتو شەھىرى كونىشەھەر، يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كونىشەھەر ئېگىز - پەس ئېدىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان. ئۇ دوئېرو دەرياسىغا سېلىنغان چوڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى ئارقىلىق دەريانىڭ ئىككى ياقىسىغا بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. پورتو پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي مەركىزى. بۇ جاي توقۇمىچىلىق، تېرە ـ خۇرۇم، پولاتتۆمۈر، تاشيول پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، تاشيول قاتناش تۈگۈنى. بۇ جاي ئارقىلىق ئۈزۈم ھارىقى، زەيتۇن يېغى، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. دەريادا قۇم - لاتقىلار كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا ئېقىنىنىڭ پەسىلىك ئۆزگىرىشى چوڭ، شۇڭا 1890 - يىلى شەھەرنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز قىرغىقىدا رايسائىس سىرتقى پورتى قۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پورتو | UyghurWiki | UyghurWiki