قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى بولۇپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوڭ ياقىسىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇب تەرىپى كاسپىي دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. مەيدانى 75 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 320 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئاساسىنى رۇس ۋە كالمېتس خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ئېلىستا شەھىرى. جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرىنى كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى پەسلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. شىمالىي قىسمىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئاشتۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. ئىقلىمى قۇرغاق، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 400 مىللىمېتىر كېلىدۇ، شەرقىي جەنۇب قىسمىنىڭ 180 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يېرىم چۆللۈكتىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي جەھەتتە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلىرى سۇغىرىشقا تايىنىدۇ، مېۋىچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ