بارنائۇل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
غەربىي سېبىرىيىنىڭ جەنۇبىغا، ئوب دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ غەربىي ياقىسىغا، بارنائۇل دەرياسىنىڭ ئوب دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان يېرىگە جايلاشقان. بارنائۇلنىڭ ئاساسى 1730 - يىلى سېلىنغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئالتاي چېگرا رايونىنىڭ رەڭلىك مېتال قېزىش ۋە تاۋلاش مەركىزىگە، كېيىن تەرەققىي قىلىپ سودا مەركىزىگە ئايلانغان. شەھەر ئاھالىسى 577 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بارنائۇل جەنۇبىي سېبىرىيىدىكى مۇھىم تۆمۈريول، سۇيول، ھاۋايولى تۈگۈنى. سانائەتتە ماشىنىسازلىق، توقۇمقىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. بارنائۇل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يېڭى ئالتاي مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى پاراۋۇز زاۋۇتى بار.