كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون. يەر مەيدانى 415 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىسىنىڭ ئاساسىنى كومى خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان، مەركىزى سېك تېفكار شەھىرى. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقى ئورال تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تىمان تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى پېچورا دەريا ۋادىلىرى بىلەن تۇشىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقلار مول. يېرىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئورمانلاپ قاپلاپ تۇرىدۇ. كومى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شىمالىي كەڭلىك ° 60نىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سوغۇق بەلباغقا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىقلىمى تۇندىرا ھەم ئورمان تۇندىرا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. كومى رايونى 1921 - يىلى ئوبلاست بولۇپ قۇرۇلغان، 1936 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. سانائىتى كۆمۈر ئېلىش، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، ئورمان كېسىش، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، مۇھىم شەھەرلىرىدىن ۋوركۇتا، ئىنتا قاتارلىق شەھەرلىرى بار.