سىۋا بوستانلىقى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
مىسىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ جاينىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 20-30 مېتىر پەس تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، كەڭلىكى 6.5-8 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى بەزىدە ℃50 قا يېتىدۇ. بۇ جايدا بۇلاقلار كۆپ بولۇپ، 2000 دىن ئاشىدۇ. زەيتۇن دەرىخى، خورما، ئۈزۈم، لىمون، ئاپېلسىن، ئەنجۈر قاتارلىق مېۋىلەر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇغداي، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يىللىق خورما مەھسۇلاتى 45 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. تاشيول ئارقىلىق ماترۇ بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بىرنەچچە تارماق سۇ يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويىدىكى ئورۇنلار بىلەن بېرىش - كېلىش قىلىدۇ. ماترۇ - سىۋا تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېلېۋىزىيە، رادىئو ئىستانسىسى تورى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. سىۋا بوستانلىقىنىڭ يەر ئاستىدا 28 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يەر ئاستى دەرياسى تېپىلدى، بۇنىڭ سۈيى بىلەن 250 مىڭ مو يەرنى سۇغارغىلى بولىدۇ. سىۋادا يەنە تولومى كىنەزلىكى بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سېلىنغان دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى بىلەن تاش قەبرىلەر بار.