UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرگۋاياكىل

گۋاياكىل

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئېكۋاتور جۇمھۇرىيىتىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىدغىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى. بۇ شەھەر تىنچ ئوكيان ياقىسىدىكى كۋاياكىل قولتۇق بويىغا، گۋاياش دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 970 مىڭدىن ئاشىدۇ. گۋاياكىل شەھىرى 1942 - يىلى قاتتىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران ولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇپ، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭبىرىگە ئايلانغان. گۋاياكىل ئېكۋادورنىڭ ئەڭ چوڭ سودا سانائەت مەركىزى، ئاتاقلىق قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان. شەھەرگە پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يېرمى توپلانغان، ئاساسىي سانائەت تارماقلىرىدىن يېمەك - ئىچمەك، سېمونت، نېفىت ئايرىش، مېتاللۇرگىيە، خىمىيە (سۇلياۋ، سۈنئىي كاۋچۇك)، يغاچچىلىق، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار. تۆمۈر يول، تاشيول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا پورتى بولۇپ، پۈتۈن دۆلەتكە دېڭىز ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ %95، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ % 50مۇشۇ پورت ئرقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىدا بولىۋار نامىدىكى داشۆنى مەركەز قىلغان مەدەنىي - مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات رايونى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر