بىرما
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 36 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ ئىچىدە بىرما مىللىتى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %65 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا دەن، كىكەن، كىلون، دوكەي قاتارلىق 50 نەچچە مىللەت بار، يەنە جۇڭگولۇقلارمۇ بار. ئاھالىسىنىڭ %80 دى بۇددا دىنىغا، % 8 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى بىرما تىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بىرما ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. بىرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، يازلىقى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل - يېغىنى كۆپ بولۇپ، 3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا 400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بىرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى يىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ % 60 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ئورمان مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بىرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى 9 - ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا بېرىش - كېلىش باشلانغان. بىرما 19 - ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، 1879 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1937 - يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1942 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن. بىرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن % 70 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ. بىرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ % 40-%50 نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.