UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەردارېسسالام

دارېسسالام

دۇنيادىكى شەھەرلەر تانزانىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. تانزانىيە بويىچە ئەڭ چوڭ پورت. ئاھالىسى 820 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). بۇ جاي ئەسلى كىچىك بىر بېلىقچى يېزىسى بولغان. 1862 - يىلدىن كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي ئافرىقا بويىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن تانزانىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تانزانىيە بويىچە ئاساسىي سانائەت ئورۇنلىرى دارېسسالام شەھىرىگە مەركەزلەشكەن، شەھەردە نېفىت ئايرىش، سېمونت، پاراۋوز رېمونت قىلىش، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ياساش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. دارېسسالام تانزانىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. ئۇ تانزانىيە — زامبىيە تۆمۈر يولىنىڭ باش بېكىتى، بۇ جايدا پاختا، كوفى، تالالىق ئاگاۋى ۋە باشقا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇ پورت ئارقىلىق يەنە زامبىيە، زايىر، بۇرۇندى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىمۇ ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تانزانىيە — زامبىيە تۆمۈر يولى پۈتكەندىن كېيىن دارېسسالام پورتىنىڭ ئورنى تېخىمۇ كۆتۈرۈلدى. شەھەرنىڭ يېنىدا خەلقئارا ئايرودرومى، دارېسالام داشۆسى، تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىق ئاتاقلىق ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر