سېئاتل
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى تىنچ ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان مۇھىم سودا سانائەت شەھىرى، ئاتاقلىق ھەربىي پورت. ئۇ تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان پۇگېت قولتۇق بويىغا جايلاشقان. ئا ق ش نىڭ ئالياسكا رايونى ۋە ئاسىيانىڭ يىراق شەرق رايونلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ شەھەر 1852 - يىلى قۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىسى 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلغاندا بىر مىليون 420 مىڭغا يېتىدۇ (1981). سېئاتل ئا ق ش نىڭ ئەڭ مۇھىم ئاۋىئاتسىيە سانائەت مەركىزى. ئۇنىڭ ئايروپىلان سانائىتى ئا ق ش بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئايروپىلان ئىشلەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇتىدۇ. ئا ق ش نىڭ دۇنيادا داڭلىق <بوئىن 737، 747، 757، 767> ماركىلىق ئايروپىلانلىرى مۇشۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ جايدا بوئىن ئايروپىلان باش شىركىتىنىڭ ئىش باشقۇرۇش ئورنى بار. مۇھىم زاۋۇتلار، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پولات - تۆمۈر، ئاليۇمىن، كىيىم - كېچەك، ياغاچ، يغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەز، كونسېرۋا، كېمىسازلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ يېنىدىكى كولۇمبىيە دەرياسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلغان. سېئاتل ئا ق ش نىڭ مۇھىم ئاتوم سانائەر مەركەزلىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا ئا ق ش نىڭ مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى، بېلىقچىلىق ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يىللىق، شۇڭا ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.