بارسېلونا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا - سانائەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، مادرىد شەھىرىدىن قالسا ئىسپانىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بارسېلونا — يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا، غەربتىكى تىبىدابو تېغىنىڭ شەرقىي يان باغرىغا، شەرقىي شىمالدىن ئېقىپ كېلىدىغان لىلىۋېرىگات دەيالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ قەدىمدا بارسېنو، بارسېنونا دەپ ئاتالغان. باسېلونا شەھىرى مىلادى 415 - يىلغا كەلگەندە كارتاكى شەھەرلىك كېنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىرقى بارسېلونا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بادالونا، سابادىل، ئوسپىتالېت، تاراسا شەھەرچىلىرى بىرلىشىپ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائت رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جاي ئىسپانىيىنىڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى بولۇپ، توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىقتىن باشقا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائەت، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، كېمىسازلىق، سۇلياۋ قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىغان ھەرخىل شەكىلدىكى ھەشىمەتلىك چېركاۋلار، 1430 - يىلى سېلىنغان بارسېلونا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزىكا — سەنئەت ئورۇنلىرى بار. بارسېلونا شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى يىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدا سېلىنغان مېھمانخانا، دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. بارسېلونا پورتى ئىسپانىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ سودا ئالاقىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ياۋرۇپا، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە چىقىرىلىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى، سىرتتىن ئالىدىغان ماللارنىڭ خېلى كۆپقىسمى بارسېلونا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.