ئانتىل ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئارىلىقىدىكى كارايىب دېڭىز رايونىغا جايلاشقان، ئۇ چوڭ ئانتىل، كىچىك ئانتىل ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چوڭ ئانتىل ئاراللىرى — كۇبا، يامايكا، ھايتى، پوئېرتورېكو ئاراللىرىنى، كىچىك ئانتىل ئاراللىرى — پوئېرتورېكو ئارىلىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ تاكى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىغا قەدەر يېرىم ئايسىمان ھالەتتە سوزۇلغان ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئاراللار ۋىندۋارد ئاراللار ۋە لېۋارد ئاراللار دەپ بۆلۈنىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 220 مىڭ كۋادرات كىلومېتر، ئاھالىسى تەخمىنەن 28 مىليوندىن ئاشىدۇ. مىللىي تەركىبى بەك ئاق تەنلىكلەر (ياۋروپالىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى، ياۋروپالىقلار، ھىندىستانلىقلار) تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن قالسا ئىندىئانلار، خەنزۇلار بار. بۇ رايوندا ئولتۇراقلاشقان نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ سانىدا ئانچە چوڭ پەرق يوق. بۇ ئاراللارنىڭ كۆپى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى چوڭ كورېلىر تاغلىرىنىڭ دېڭىزغا چۆككەن پارچىلقىرى بولۇپ، ۋولقان، يەر تەۋرەش ھەرىكەتلىرى كۆپ بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى ھايتى ئارىلىغا جايلاشقان تىنا چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 3140 مېترغا يېتىدۇ. ئاراللارنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، يامغۇرى مول، ھاۋاسى يىل بويى ئىسسىق بولىدۇ. ئاراللارنى ياپيېشىل ئورمانلار، ئوت - چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىقبالى زور. ئانتىل ئاراللىرىنى غەربىي ھىندى ئاراللىرى دەپمۇ ئاتايدۇ.