UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفرانسىيىگە قاراشلىق پولىنېزىيە

فرانسىيىگە قاراشلىق پولىنېزىيە

دۇنيادىكى شەھەرلەر تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تاقىم ئاراللار جەنۇبىي كەڭلىك °7 - °29 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق 131° - °156 ئارىلىقىدىكى جەمئىيەت ئاراللىىر، توئاموتو ئاراللىرى، گامبېر ئاراللىرى، ئۇستورا ئاراللىرى ۋە ماركىز تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي يەر مەيدانى 4000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئاراللار ئىچىدە جەمئىيەت ئاراللىرى ئىچىدىكى تايتى ئارىلىنىڭ مەيدانى ئەڭ چوڭ بولۇپ، 1042 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەركىزى پاپېت شەھىرى. ئاراللارنىڭ كۆپى تاغلىق بولۇپ، يانار تاغلار كۆپ، ئەڭ ئېگىز ئوروخنا چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2241 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى تروپىك دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئىقلىملىق تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃27، مەركىزىي پاپېتىنىڭ يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1750 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ، ياپيېشىل ئورمانلار ئاراللارنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 164 مىڭدىن ئوشۇق (1983) بولۇپ، پوللېنېزىيىلىكلەر %70 نى، %23 ياۋروپالىقلار ھەم ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر، %7 نى خەنزۇلار تەشكىل قىلىدۇ. تايتى تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنىغا، 3/3 قىسمى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئاراللار مىلادى 300 - يىلېردا يەرلىك پومارى كىنەزلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1521 - يىلى ماگېللان بۇ جايغا كەلگەن. 1842 - يىلى فرانسىيىنىڭ قوغداش دائىرىسىدىكى ئورۇن بولغان. 1958 - يىلى فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسى بولغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. پالما قۇرۇقى، پالما يېغى، پۇراقلىق ماتېرىياللار، كوفى، بانان قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، چوشقا بېقىلىدۇ، ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردىن بېلىق تۇتۇلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. دېڭىز، ھاۋا يوللىرى ھەرقايسى ئارال ھەم دۆلەتلەرگە بارىدۇ. بۇ ئاراللاردا فرانسىيىنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە بازىلىرى، ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر