UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركروگېر دۆلەت باغچىسى

كروگېر دۆلەت باغچىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى. بۇ باغچا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ترانسىۋال ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى بىلەن زىمبابۋې، موزامبىكلارنىڭ چېگرىداش يېرىگە جايلاشقان. مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جاي 1898 - يىلى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئورنى قىلىپ ئېچىلغان، 1928 - يىلى دۆلەت باغچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ باغچىدا شىر، پىل، ياۋا كالا، يىلپىز، نوسروگ، زىراپە، بېگېموت (دەريا ئېتى)، تاغ ئۆچكىسى ۋە مايمۇن، ھەرخىل ئۇچار قاناتلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر