UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرمۇرراي دەرياسى

مۇرراي دەرياسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ دەريا. باش مەنبەسى يېڭى جەنۇبىي ئوئېلىس شتاتىدىكى كوسيوشىكو تېغىدىن باشلىنىپ، جەنۇبى ئاۋسترالىيە شتىاتىغا كەلگەندە، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، ھىندى ئوكياننىڭ ئىنكونتېر قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. دەريانىڭ باش ھەم ئوتتۇرا ئېقىنلىرى يېڭى جەنۇبىي ئ؛ئېلىس بىلەن ۋىكتورىيە شتاتلىرىنىڭ تەبىئىي چېگرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2575 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەگەر دارلىنگ دەرياسىنى دەريانىڭ باش ئېقىنى قىلىپ ھېسابلىغاندا ئۇزۇنلۇقى 3719 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى بىر مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ سۈيى كۆپ ئەمەس، پەسىللىك ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ. مۇرراي دەرياسىنىڭ دارلىنگ، مۇررام بىچى قاتارلىق تارماق دەريالىرى بار. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سول تارماقلىرى بويىدا نۇرغۇنلىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرى ياسالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالبېرى ئەتراپىدىكى خىيوم سۇ ئامبىرى ئەڭ چوڭ. مۇرراي دەريا ۋادىسى ئاۋسترالىيىنىڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، بۇغداي، ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىن ئالبېرى شەھىرىگە قەدەر بولغان 300 كىلومېتىر لىنىيىسىدە قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
مۇرراي دەرياسى | UyghurWiki | UyghurWiki