مانخاتتان ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئا ق ش نىڭ نيو يورك شەھىرىنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى ئارال. گودزون دەرياسى بىلەن شەرقىي دەريا ئارىلىقىغا جايلاشقان، نيۇ يورك شەھىرىنىڭ بەش رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مانخاتتان رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، كەڭلىكى 4 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى 57.7 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جاي نيۇ يورك شەھىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە، سودا مەركىزى. جەنۇبىي بۆلىكىدىكى ئۇئول ستىرېت كوچىسىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ بانكىلار، چوڭ سودا قىلىش مەيدانلىرى ۋە مونوپول كاپىتالىستلارنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى توپلانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنىمۇ شەرقىي دەريانىڭ غەربىي ياقىسىغا جايلاشقان، شەرقىي ھەم غەربىي دەريا ياقىسىنى بويلاپ، ناھايىتى نۇرغۇن پرىستانلار قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن يەر ئاستى تۆمۈر يولى، كۆۋرۈك، ئۆتۈشمە قېيىقلار ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ.