UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەركوموئې دۆلەت باغچىسى

كوموئې دۆلەت باغچىسى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقىدىكى كوتې دې ئىۋوئىر (بۇرۇنقى پىل چىشى قىرغىقى) جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى، دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كوموئې دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. مەيدانى 950 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. باغچىنىڭ سىرتىدىكى ۋانگو - فىتىنى بىلەن تېخنىلار ئوۋ قىلىش مەركەزلىرى ھېسابلىنىدۇ، كوموئې باغچىسىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا خاس بولغانلىقتىن، ئېگىز ئوت - چۆلۈكلەر بىلەن قاپلانغان، بۇ جايدا مايمۇن، بۆكەن، ياۋا كالا، پىل، شىر ۋە ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر