UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپوتسدام

پوتسدام

دۇنيادىكى شەھەرلەر گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، پوتىسدام رايونىنىڭ مەركىزى. پوتسدام بېرلىن شەھىرىنڭ 27 كىلومېتر غەربىي جەنۇبىدىكى خافىل دەريا بويىغا جايلاشقان، ئاھالىسى 121 مىڭدىن ئاشىدۇ. پوتسىدام 993 - يىلى قۇرۇلغان بىر كەنت بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا بو زتۇپىمى دەپ ئاتالغان. پوتسىدام 14 - ئەسىرگە كەلگەندە شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 18 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرگىچە پروسىيە پادىشاھلىقىنىڭ يازلىق سارىيى بولغان. 1945 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش، ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ جايدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇشتا يېڭىلگەن گېرمانىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر <پوتسدام كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. پوتسدام مۇھىم تۆمۈر، تاشيول قاتناش تۈگۈنى، مۇھىم دەريا پورتى. شەھەرنىڭ ماشىنىسازلىق، ئېلېكتروۋوز، سوستاپ، كىمىسازلىق، نارۇك ماشىنىسازلىق، دوىگەرلىك توقۇمىچىلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار. شەھەردە ھەرخىل ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، كىنو سىتودىيىسى، رەسەتخانا، ھاۋارايى ئىستانىسى، 18 - ئەسىردە قۇرۇلغان خان سارايلىرى، چېركاۋلار ۋە باشقا قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
پوتسدام | UyghurWiki | UyghurWiki