UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرفرانكفۇرت

فرانكفۇرت

دۇنيادىكى شەھەرلەر دۇنيادا فرانكفۇرت نامى بىلەن ئاتىلىدىغان ئۈچ شەھەر بار. ئۇنىڭ بىرى گىرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى مېين دەريا بويىغا جايلاشقان، يەنە بىرى گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى ئودېرا دەريا بويىغا جايلاشقان، ئۈچىنچىسى ئا ق ش نىڭ كىنتاكى شتاتىنىڭ ئوتتۇرا شىمال قىسمىغا جايلاشقان. بىز گىرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى فرانكفۇرت شەھىرىنى تونۇشتۇرىمىز. فرانكفۇرت غەربىي گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبى رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ھەم قاتناش مەركىزى. ئاھالىسى 630 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980)، ئۇ گىرمانىيىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 14 - ئەسىردىن 18 - ئەسىرگىچە گىرمانىيە پادىشاھلىرى تاج كىيىدىغان جاي بولغان. شەھەر مۇنبەت تۇپراقلىق مېين دەريا ۋادىسىغا جايلاشقانلىقتىن، ئىقتىسادىي ھەم سۇ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. سانائەتتە خىمىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر ماشىنىلىرى، ئېلېكترون، ئاپتوموبىل، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. شەھەردە گىرمانىيە بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىش باشقۇرۇش ئورنى، چەت ئەل شۆبە بانكىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مائارىپ ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر