UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرئادېن

ئادېن

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان. يەمەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى. دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ پورت. ئۇ تارىختىن بۇيان شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان. ئادېن پورتى بىلەن مەندېب بوغۇزى ئارىلىقى 160 كىلومېتر كېلىدۇ. ھىندى ئوكياندىن سۇۋەيىش قانىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپاغا بارماقچى بولغان پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇ پورتتا توختاپ ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ قاتناش ھەم ستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. بۇ جاينى 16 - ئەسىردە ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى كونترول قىلغان. 2081 - يىلى ئەنگلىيە بۇ جايدا پاراخوتقا كۆمۈر قاچىلاش پونكىتى قۇرغان. 1839 - يىلدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىپ، شەرققە قاراپ كېڭىيىشنىڭ مۇھىم بازىسى قىلغان. 1968 - يىلدىن باشلاپ يەمەننىڭ پايتەختى بولغان. ئادېننىڭ ئاھالىسى 330 مىڭدىن ئاشىدۇ. (1982)، ئۇ جايغا يەمەننىڭ ئاساسىي سانائەتلىرى مەركەزلەشكەن. مۇھىم سانائەت تارماقلىرىدىن سوپۇن، تاماك، توقۇمچىلىق، ياغ چىقىرىش، چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر