برنو
دۇنيادىكى شەھەرلەر
چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى. جەنۇبىي موراۋىيە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر چېخ — موراۋا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە، سىۋراتكا دەرياسى بىلەن سىۋىتاۋا دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 400 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982)، بۇ جاي 9 -، 10 - ئەسىردە قەلئە بولغاندىن كېيىن تەدرىجىي كېڭىيىشكە باشلىغان. 1243 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1526 - يىللىرىدىن 1918 - يىلغىچە موراۋىيىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئىشچىلار ھەرىكتىنىڭ مەركىزى بولغان. ھازىر چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ مۇھىم تۆمۈريول قاتناش تۈگۈنى. برنو شەھىرى ماشىنىسازلىق سانائىتى جەھەتتە پراگادىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ ئېلېكتر ماشىنلىرى، خىمىيە سانائەت ئۈسكۈنىلىرى، ستانوك، چىشلىق ئوق، تراكتور ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، شەھەردە مېتاللۇرگىيە، ھېسابلاش ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە، نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلەش، يۇڭ توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.