UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرشەرقىي تىمور

شەرقىي تىمور

دۇنيادىكى شەھەرلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نوساتىنكارا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى تېمور ئارىلىنىڭ شەرقىي ھەم غەربىي قىسمىنىڭ شىمالىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان دۆلەت. مەيدانى 14 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 740 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979)، ئاھالىنىڭ كۆپىنى مېلازېنىيىلىكلەر، مالاي مىللىتى، پاپو ئالىقلار تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇلارمۇ بار. پايتەختى دىلى شەھىرى، شەرقىي تېمورنىڭ يېرى تاغلىق، دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا تۈزلەڭلىك ھەم رىزوفۇرا ئويمانلىقى، سازلىقلار بار. ۋادىلار بىلەن تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا، قالغان رايونلىرىنىڭ تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. تاغلىق رايونلىرىنى زىچ ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، مىس، ۋۇلفرام، ئالتۇن قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ. شەرقىي تېمور 1859 - يىلىدىن باشلاپ پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1975 - يىلى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن. 1976 - يىلى 7 - ئايدا شەرقىي تېمور دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھىندۇنېزىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ھازىرمۇ ھىندۇنېزىيە ئىگىلەپ تۇرماقتا. شەرقىي تېمور ئىقتىسادىي جەھەتتە دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىملىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ئاساسەن شال، كۆممىقوناق، پالما، كوفى، تاماكا، كاۋچۇك قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئات، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
شەرقىي تىمور | UyghurWiki | UyghurWiki