UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرۋىكتورىيە كۆلى

ۋىكتورىيە كۆلى

دۇنيادىكى شەھەرلەر ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. ئېكۋاتور سىزقى كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ كۆل يەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن شەكىللەنگەن. سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1134 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. مەيدانى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 80 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆلگە كاگېرا، مارا، گرۇمىت قاتارلىق دەريالار قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ شىمال تەرەپتىن ئېقىپ چىقىش ئاغزىدا رىپىپون شارقىراتمىسى ھاسىل بولغان، سۇ چىقىرىش مىقدارى 600 كۇب مېتىرسېكۇنتقا يېتىدۇ، بۇ ئاق نىل دەرياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ قىرغاقلىرى بەك ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلدە نۇرغۇن پورتلار بار. كۆلدە ئاراللارمۇ ئاز ئەمەس، ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 6000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆل رايونى تۇمانلىق، يامغۇرلۇق بولىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئىندىبى، كىسوم، بوكۇبا، مۋانرا قاتارلىق پورتلار بار. كۆلدە بېلىق ھەم ھەرخىل ئۇچار قاناتلار ناھايىتى كۆپ ياشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر
ۋىكتورىيە كۆلى | UyghurWiki | UyghurWiki