خولاندۋەبىك ئاراللىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
بۇ ئاراللار كىرىسباسنىڭ 1100 كىلومېتر شەرقىگە جايلاشقان. يەر مەيدانى تەخمىنەن 4 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىسى يوق. بۇ ئىككى ئارالنىڭ ئارىلىقى 56 كىلومېتر كېلىدۇ، بۇ ئاراللارنى 1825 -، 1828 - يىللىرى ئا ق ش لىقلار تاپقان، 1935 - يىلدىن باشلاپ ئا ق ش تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، شۇ يىلى 4 -، 5 - ئايلاردا ئا ق ش بۇ ئاراللارغا ئادەم يۆتكىگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قايتۇرۇپ كەتكەن. بۇ ئاراللار ئىچىدىكى بىك ئارىلىدا بىر ماياك بار. خولاند ئارىلىدا ئا ق ش نىڭ بىر ۋاقىتلىق ئايرودرومى، بىر ماياك بار. ئا ق ش نىڭ دېڭىز چارلاش قىسىملىرى يىلدا بىر قېتىم بۇ جايغا كېلىپ چارلاش قىلىپ تۇرىدۇ.