يانبۇ
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئىككىنچى چوڭ پورتى، مەدىنە شەھىرىنىڭ دېڭىزدىن چىقىش ئېغىزى، يېڭى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەر ئاھالىسى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر، تەرەققىي قىلشى ئىستىقبالى چوڭ. ئابباس ئارىلى پورتىنى توسۇپ تۇرىدۇ. يانبۇ پورتىغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پېرسىيە قولتۇق بويىدىن تارتىلغان 1200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسى تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ تۇرۇبىدىن يىلىغا 92 مىليون 500 مىڭ توننا نېفىت يانبۇ پورتىدىن كۆپلەپ نېفىت ۋە خورما قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ھەر يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارمۇ مۇشۇ پورتتىن ئۆتىدۇ.