UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى شەھەرلەرپلزېن

پلزېن

دۇنيادىكى شەھەرلەر چېخۋەسلوۋاكىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان غەربىي چېغ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر بىلىتاۋا دەرياسىنىڭ بىر نەچچە كىچىك تارمىقى قوشۇلغان پلزېن ئويمانلىقىغا جايلاشقان. پلزېن چېخ تىلىدا <مۇنبەت جاي> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). پلزېن شەھىرىنىڭ ئاساسى 1292 - يىلى سېلىنغان، 14 -، 15 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە مۇھىم قول سانائەت ۋە سودا رايونىغا ئايلانغان. 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى چېخ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. پلزېن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چېخوسلوۋاكىيە ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇ چېخوسلوۋاكىيە ئۈچۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇ چېخوسلوۋاكىيىنىڭ <ئاپتوموبىل پايتەختى> دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ. چېخوسلوۋاكىيىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاپتوموبىلنڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ شەھەردە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىل ئىشلەپچقىرىشتا دۇنياغا داڭلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئاپتوموبىل سانائىتىدىن باشقا يەنە ئېنېرگىيە ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مېتاللۇرگىيە سانائەت ئۈسكۈنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترون، ئاتوم سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، قەغەز ياساش، فارفۇر، ئەينەك، تېرە - خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭ پىۋا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى چېخوسلوۋاكىيە بويىچە ئالاھىدە داڭلىق. پلزېن چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. چوڭ قاتناش تۈگۈنى. بۇ جايدا نۇرغۇن شۆيۈەنلەر، ئوتتۇرا ئەسىردە قۇرۇلغان قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بار. شەھەردىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيىلەرگە بارىدىغان بىر نەچچە تارماق تاشيول، تۆمۈريول لىنىيىلىرى بار. ئۇ غەربىي چېخ ئوبلاستىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى شەھەرلەر