پاپېت
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىدىكى فرانسىيىگە قاراشلىق پولنېزىيىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تايتى ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالى قىرغىقىغا، ماتاۋى قولتۇق بويىغا جايلاشقان. پاپېت تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ تەبىئىي پورتلارنىڭ بىرى، پورتقا 35 مىڭ توننىلىق پاراخوتلار كېلىپ توختىيالايدۇ. بۇ شەھەر 1818 - يىلى دېڭىز قىرغاق لىنىيىسى بويلاپ سېلىنىغان. شەھەرنىڭ 5 كىلومېتر غەربىدە خەلقئارا ئايرودرومى بار. شەھەر ئاھالىسى 40 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 10 مىڭغا يېتىدۇ (1981)، قالغىنى پولېنزىيىلىكلەر، فرانسۇزلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. پورت ئارقىلىق سىرتقا پالما يېغى، پۇراقلىق ماتېرىياللار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان.